Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:26
17 Referans Kwoze  

يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر. بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر. يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن.


قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،


مەن ساڭا ئاچارچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچى زەھەرلىك ئوقىنى ئېتىپ، سېنى يوقىتىمەن. ئاچارچىلىق بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.


ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا، زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا.


سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ.


ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.


ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ. سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ، بىراق يەنىلا تويمايدۇ. ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ.


سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر، بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار.


ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.


ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


ئەگەر سىلەر يەنىلا مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار،


شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، 100 گىرام كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە ئۆسكۈچىلىك داۋاملاشتى.


ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ، ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.»


ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite