24 مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.
لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.
خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.
سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.
ئەۋلادلىرىڭلار مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ، سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ يېرىگە پالىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تاشلاپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن،
ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز ۋە مۇشتۇڭنى تۈر. قىلىچ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۇرۇلسۇن. بۇ قىلىچ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر، ئۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان قىلىچتۇر، ئۇ ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ.