Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:22
17 Referans Kwoze  

ناۋادا مەن ئۇ يەرگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتسەم، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەردە خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۇ يەرنى ئادەم ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويسا،


ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.


يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا.


مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»


ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.


يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ، كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.


ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، خەلقنىڭ ماختانغان كۈچى يوق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلىنىدۇكى، ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.


مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟


ئاچارچىلىق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلىمەن، سەندىكى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھالاك قىلىمەن. ۋابا ۋە تۆكۈلگەن قان سېنى ھالاك قىلىدۇ. بېشىڭدىمۇ قىلىچ ئوينىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەن ئۇلارنى ئوخشىمىغان تۆت خىل ئاپەت بىلەن جازالايمەن: مەن ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. جەسەتلىرىنى ئىتلارغا تالىتىمەن. قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تىتىپ يەيدۇ.


شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.


ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى.


ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا جاڭگالدىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42سىنى تىتىپ تاشلىدى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite