Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:20
21 Referans Kwoze  

لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.


ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.


بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىدۇ. ئۇ ئاسماننى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، يېرىڭلارنى ھوسۇلسىز قالدۇرىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشۇ گۈزەل زېمىندا ھالاك بولىسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟


سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ.


مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.


مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر.


ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر خامىنىدىكى ئاشلىقنىڭ يىگىرمە تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن پەقەت ئون تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈپ شارابنىڭ ئەللىك كومزەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن يىگىرمە كومزەكلا چىقاتتى.


مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن، ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن، لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە، سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ.


بۇغداي ئورنىغا تىكەنلەر، ئارپىنىڭ ئورنىغا ياۋايى ئوت-چۆپلەر ئۈنسۇن!» شۇنىڭ بىلەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تۈگىدى.


دەرىخىڭلارنى، يېرىڭلاردىن چىققان زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.


پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،


مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ.


سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.


ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite