Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ھەيۋەڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇقۇڭلارنى سۇندۇرىمەن، ئاسماننى تۆمۈر، يەرنى تۇچتەك قاتتىق قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:19
20 Referans Kwoze  

ئۇ يامغۇر ياغدۇرماي، ئاسماننى تۇچ، يەرنى تۆمۈردەك قاتتىق قىلىدۇ.


گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.


ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى.


ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن، نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ، مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ. مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن.


خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. روھانىي ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.


مەن ئەڭ رەزىل يات خەلقلەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار خەلقىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەن چوقۇم ئىسرائىل ھوقۇقدارلىرىنىڭ مەغرۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەجدىگاھلىرى دەپسەندە بولىدۇ.


ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.


مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.


خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئاسمان يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلىسا ۋە گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزسە،


شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.


يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.


«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.


بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىدۇ. ئۇ ئاسماننى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، يېرىڭلارنى ھوسۇلسىز قالدۇرىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشۇ گۈزەل زېمىندا ھالاك بولىسىلەر.


بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، خەلقنىڭ ماختانغان كۈچى يوق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلىنىدۇكى، ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite