18 ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.
سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.
شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.
چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.
ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.
بولمىسا، بۇ قېتىم ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىپلا قالماي، ھەتتا سېنىمۇ بىرلىكتە بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىمەن. شۇندىلا سەن ئالەمدە مەندىن باشقا خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىسەن.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
زېمىندا يامغۇر ياغمىغانلىقتىن، يەرلەر يېرىلىدۇ. دېھقانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.