9 50-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار.
_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.
رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر سىلەردىن باشلىنىپ، ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. بىز ئۇ يەرلەرگە بارغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلاردىن ئاللىقاچان خەۋىرى بارلىقىنى ئۇقتۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغاندىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتۈن دۇنياغا، سۆزلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يەتتى.»
تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.
قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
قۇت يىلى كەلگەندە يەر ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، يەنى مىراس ئىگىسىگە قايتىدۇ.
ئەگەر ئۇ قۇت يىلىدىن باشلاپ يېرىنى ئاتىغان بولسا، يەرنىڭ باھاسى تولۇق ھېسابلانسۇن.
چۈنكى بۇ كۈنى خەلقنىڭ ھەممە گۇناھى ساقىت قىلىنىپ پاك بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پاكلىنىدۇ.
ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلغاندىن كېيىن، ئازازۇلغا ئاتالغان تىرىك تېكىنى يېتىلەپ كەلسۇن.
«سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ.
يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.
بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.
ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.
نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار، ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.