Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 25:43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

43 ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 25:43
23 Referans Kwoze  

ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.


ئۇلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان مۈلكۈڭلار سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك قۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار.


مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.


ئاجىزلىرىغا قارىمايسىلەر، ئاغرىقلىرىنى داۋالىمايسىلەر، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭمايسىلەر، ئېزىپ قالغانلىرىنى تېپىپ كەلمەيسىلەر، يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، ئەكسىچە ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، زۇلۇم قىلىسىلەر.


سېتىۋالغۇچىلار ئۇلارغا يىللىقچى ھېسابىدا مۇئامىلە قىلسۇن. سىلەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟ بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر، سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.


مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.


ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى.


پىرئەۋننىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ئىسرائىل ئىش باشلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى: _ نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراق قىلىدىغان بولدى.


خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.


لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى.


ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا: _ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن.


چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن.


سىلەرگە قۇل ۋە دېدەكلەر كېرەك بولسا، ئەتراپتىكى ئەللەردىن سېتىۋېلىڭلار.


سىلەر ئەمدى يېرۇسالېمدىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن ئەسىر ئېلىنغان ئەر-ئاياللارنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟


چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن.


بولمىسا خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟ سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite