4 لېكىن يەتتىنچى يىلى يېرىڭلارنى ماڭا ئاتاپ تولۇق دەم ئالدۇرۇڭلار. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتىماڭلار.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم ئالدۇرۇلمىغان يىللارنىڭ سانى توشقۇچە يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى.
بۇ يىل يەر تولۇق دەم ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار.