23 «يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.
بۇ يەرلەرنى سېتىشقا ياكى باشقىلارنىڭ يەرلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يەرلەر ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە يەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ماڭا تەۋە مۇقەددەس يەر بولىدۇ.
پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇرمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر.
ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى، يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ، خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ.
ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.
نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.
مەن سىلەرنى ئۆزۈم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن. ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ نەزىرىمدىن يىراق قىلىمەن. ھەتتا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالدۇرىمەن.
سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن.
بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!
مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما.
بىراق نابوت ئاخابقا: _ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى.
زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار.
غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا.