16 قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىلنىڭ سانى كۆپ بولسا باھاسى يۇقىرى، ئاز بولسا، باھاسى تۆۋەن بولسۇن. چۈنكى باھالىنىدىغىنى ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ قېتىم سانىدۇر.
ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار كۆپ بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ.
يەرنىڭ باھاسى سېتىلغان يىل سانى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەق تۆلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ.
يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن.
ئەگەر ئۇ يېرىنى قۇت يىلىدىن كېيىن ئاتىغان بولسا، روھانىي قۇت يىلىدىن تاكى ئاتىغان يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلاپ، يەرنىڭ باھاسىدىن ئېلىۋەتسۇن.