Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 25:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 25:10
30 Referans Kwoze  

پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى.


چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.


سىلەر ئەركىن ئادەم بولۇپ، ھېچكىم سىلەرنىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق قىلىش-قىلماسلىقىڭلارنى مەنئى قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇپ ياشاڭلار،


قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


قۇت يىلىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.


_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا.


بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ.


يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.


سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.


ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلسا بولىدۇ. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!


50-يىلى سىلەرنىڭ قۇت يىلىڭلاردۇر. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار.


قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن.


ئەگەر ئەمەلدارىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، ئەمەلدارى ھۆرلۈك يىلىغىچە بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ھۆرلۈك يىلى كەلگەندە، يەر پادىشاھقا قايتىدۇ. پادىشاھنىڭ مۈلكىگە پەقەت ئۇنىڭ ئوغۇللىرىلا ۋارىسلىق قىلىدۇ.


قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز جەمەتىگە ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان يېرىگە قايتسا بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite