Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 24:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 24:8
9 Referans Kwoze  

ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن.


قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.


بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنى، يېڭى ئاي بايرىمى ھەمدە بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى، نېپىز پېتىر نانلارنى، چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى.


شىرەگە ھەمىشە ماڭا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىپ قويۇلسۇن.


شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.


ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite