Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 24:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇن شىرەگە ئىككى دەستە قىلىپ تىزغىن. ھەربىر دەستىدە ئالتە دانە نان بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 24:6
13 Referans Kwoze  

سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە،


ئىبادەت جايىدا بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە، شىرە ئۈستىدە بولسا خۇداغا ھەدىيە قىلىنغان نانلار بولاتتى.


ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.


سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەلەر،


لېكىن، ھەممە ئىش تەرتىپ-قائىدىلىك بولسۇن.


شىرە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار،


بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنى، يېڭى ئاي بايرىمى ھەمدە بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.


شىرەگە ھەمىشە ماڭا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىپ قويۇلسۇن.


بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى قايسى جەمەتنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite