Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 24:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 24:2
27 Referans Kwoze  

چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.


«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.


- خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ،


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»


پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.


كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.


چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.


ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.


ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى.


ساپ ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى،


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەڭ مۇقەددەس جايغا تارتىلغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يېنىپ تۇرسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite