17 قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
«ئادەمنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
قاتىللىق قىلماڭلار.
باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن.
ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا: _ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى. _ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان،
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.