10 بىرسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىللاردىن، ئاتىسى مىسىر خەلقىدىن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى قارارگاھتا بىر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ،
ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللار يەنە زارلىنىپ: _ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!
كۆپلىگەن يات قەبىلىلىكلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، نۇرغۇن چارۋا ماللىرىنى ئېلىپ بىللە مېڭىشتى.
بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.
ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.