1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.
شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن.
_ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن».