Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 23:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 23:40
19 Referans Kwoze  

ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!


بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.


ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.


نۇرغۇن كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


ئەي، يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن شاد-خۇرام بولۇپ، تەڭ شادلىنىڭلار! يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار!


خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.


سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار.


ھەر يىلى 7-ئاينىڭ مۇشۇ يەتتە كۈنىدە ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.


سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.


لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا.


ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك، دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.


سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite