4 مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.»
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار.
ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىلىڭلار.
يۇقىرىقىلار مەن پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيتلاردۇر. سىلەر بۇ ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى دەپ جاكارلاپ، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.
ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، مىرتا، خورما ۋە باشقا قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى.
ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە بارلىق ھېيت-بايراملارغا ۋە مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلسۇن.
قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە، ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا! ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار! قىلغان قەسەملىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن.