24 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار.
بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز.
رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ.
50-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار.
ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار پادىشاھىمىز خۇداغا، ئالقىشىمىز بولسۇن ئاڭا كاناي بىلەن بۇرغىدا.
نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.
بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.
روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.