21 بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار.
پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ.
ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.»
مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.»
مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.
شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.
ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.
ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.
روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر.
بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.»
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.
سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.