لاۋىيلار 23:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 ئاندىن بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئىككى تۇياق بىر ياشلىق قوينى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. Gade chapit la |
ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.