11 دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر.
ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغىن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر.
لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى.
ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار.
روھانىي ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەن شۇ كۈنى، سىلەر بىر ياشلىق بېجىرىم پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار.
شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.