Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 23:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 23:10
22 Referans Kwoze  

ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


_ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن


«ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى سىلەرنىڭ تۇنجى پىشقان ئاشلىقىڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.


تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.


_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن،


مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار.


تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇل يىغقان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.


ئەگەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن پىشۇرۇلۇپ خۇداغا سۇنۇلغان نان مۇقەددەس بولسا، ئۇ ناندىن قالغان خېمىرمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر.


ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەرياغا كېچىشى ھامان،


_ سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىن كەنئانغا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى كۆكەرتىپ قويسام،


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر.


شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite