Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 23:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 23:1
13 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار.


ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.


ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.


دېمەك، ئۇلار ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى. لاۋىيلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگىلەنگەن سان ۋە بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت قىلاتتى.


ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.


بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار! سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر! سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر، لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.


ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە بارلىق ھېيت-بايراملارغا ۋە مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلسۇن.


بەلگىلەنگەن ھەربىر ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن سۇنۇلسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا بولسۇن. ھەر 5 كىلو ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنۇلسۇن.


سىلەر يەنىلا مەلۇم كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى خاتىرىلەۋاتىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ۋە ھېيت-ئايەم، ھىلال ئاي بايراملىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك جەھەتتە ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقى يوق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite