32 مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.
_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.
ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر.
بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل، پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل.