22 قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، زەخىملەنگەن، يىرىڭلىق يارا ۋە قوتۇر باسقان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلماڭلار. بۇلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولمايدۇ.
بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ.
سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۆلكە باشلىقىغا شۇنداق سوۋغات بېرىپ، سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن، ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!
بۇلارنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرلىكتە كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئامانلىق قۇربانلىقى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىدىن مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنسۇن، يەنى قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى،
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار.
لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن.