لاۋىيلار 22:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15-16 روھانىيلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى روھانىي بولمىغانلارنىڭ ئۆز مەيلىچە يېيىشىگە يول قويۇپ، يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلمىسۇن. بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى يېگەن كىشىلەر گۇناھكار ھېسابلىنىپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن يېمەكلىكلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. Gade chapit la |
سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.