14 ئەگەر بىرى مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن ئۇقۇشماي يەپ سالسا، مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، روھانىيغا تۆلەپ بەرسۇن.
ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ.
ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن: