Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 22:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 22:13
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر.


ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا: _ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.


روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن.


ئۇ ئايال يەنە توي قىلىشى مۇمكىن.


شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite