11 لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ.
ھەممە ئەرلەر خەتنە قىلىنسۇن. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن مەڭگۈلۈك ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر.
لېكىن ئۆزۈڭلار سېتىۋالغان ھەم خەتنە قىلغان قۇللار يېسە بولىدۇ.
ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن
روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.
لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.
ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر.