Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 22:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 22:10
11 Referans Kwoze  

ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەندە، ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى.


ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ياتلار ۋە چاكارلار يېمىسۇن.


ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.


سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن.


لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite