9 روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.
قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ.
يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولغان، پەرزەنتلىرى بولسا خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.
مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ پوقلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن ۋە سىلەرنى شۇ پوقلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن.
ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.
سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»
ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
روھانىي ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى.
ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى
پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى.
ئەگەر بىرسى توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن نىكاھلانسا، بۇ رەزىللىك ھېسابلىنىدۇ، ئۈچىلىسى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇ خىل رەزىللىكلەر ئاراڭلاردا قەتئىي يۈز بەرمىسۇن.
سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كۈندۇر. كىمدەكىم بۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.