Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 21:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 21:6
20 Referans Kwoze  

ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار.


كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،


مەن ئۇلارغا: _ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالدىڭلار. ئالتۇن-كۈمۈشلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيەلەردۇر.


سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


مەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، بەلكى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن.


ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن.


مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.


_ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن.


روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن.


مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.


بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق يېمەكلىك ھەدىيەلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا سۇنۇشقا دىققەت قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite