Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 21:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 21:23
13 Referans Kwoze  

ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.


ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟


لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


مۇسا بۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا تاپىلىدى.


_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.


ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.


«ئى خۇدايىم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. چۈنكى ئۇلار روھانىيلىق نامىنى بۇلغىدى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭگە خىلاپلىق قىلدى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite