Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 21:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 _ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 21:17
12 Referans Kwoze  

نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.


ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،


ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پاك، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر، بۇنىڭغا خۇدامۇ گۇۋاھتۇر.


روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن.


ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.


بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر.


بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite