Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 21:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 21:10
18 Referans Kwoze  

بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كىشى قۇربانلىق سۇنۇپ، خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ،


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلدى. ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.


جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.


ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.


ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى. ھامون بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.


تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىملىرىنى يىرتىپ، چېچىنى چۇۋۇپ، يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يېپىۋېلىپ: «ناپاكتۇرمەن، ناپاكتۇرمەن!» دەپ ۋارقىرىسۇن.


ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى.


ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:


ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.


پەقەت ئۈنسىز ھەسرەتلەن، قارىلىق تۇتما. ئادەتتىكىدەك بېشىڭغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭغا ئاياغ كىيىپ يۈر، ئېغىز-بۇرنۇڭنى ئەتمە، باشقىلار ئۆيۈڭگە ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنىمۇ يېمە.


ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.


ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite