Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 21:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 21:1
12 Referans Kwoze  

روھانىيلار مېيىتكە يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ مېيىتىغا يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ.


ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر بىرەرسى جەسەت بار چېدىرغا كىرسە، ياكى بىرەرسى شۇ چېدىردا بولغان بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.


ئۇ ھەرقانداق جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى بولسىمۇ يېقىنلاشمىسۇن. ئۆزىنى بۇلغاشتىن ساقلىسۇن.


ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


شۇندىلا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. بۇ مېنىڭ، يەنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار ۋە نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە قارغىش ياغدۇرىمەن. قارغىش ئامىتىڭلارنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.


ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار،


ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن.


مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite