Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 20:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 20:9
17 Referans Kwoze  

ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان.


«ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.


كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا، ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا.


چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.


شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان.


داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.


خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى.


پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.


ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.


ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورىدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار.


ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»


ئەگەر بىر ئايال ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite