Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 20:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 20:8
19 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.


سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


چۈنكى، كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، - دېدى.


- دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار ئىمارەتنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.


شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.


ئىبادەتخانامنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەڭگۈلۈك قۇرغان ۋاقتىمدا، جاھاندىكى ئەللەر ئىسرائىللارنى مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.»


مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم.


مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»


ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟


بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار.


پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم.


مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite