3 مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن.
_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.
ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر.
ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.
چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر، قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر. لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.»
ئەگەر جامائەت بالىلىرىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن كارى بولماي، ئۇنى ئۆلتۈرمىسە،
ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.
كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.