27 ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»
ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
جادۇگەرلىك قىلغان ئايالنى تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى.
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.
_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.
ئۇ چاغدا سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلىپ، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى.
ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.