Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 20:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 شۇڭا سىلەر ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھالال ۋە ھاراملىرىنى ئايرىڭلار. مەن ھارام دەپ بېكىتكەن ئۇچار قاناتلارنى، ھايۋانلارنى ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يەپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 20:25
7 Referans Kwoze  

ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.


سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەس، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite