22 مېنىڭ بارلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. شۇندىلا سىلەر مەن سىلەرنى ئېلىپ بارغان زېمىندىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر.
ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.
كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر، ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر.
ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا.
سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.
يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.
شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!
ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا، ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا.
لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.
مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى.
مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىل:
ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.
قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.