لاۋىيلار 20:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 _ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. Gade chapit la |
سىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇتلارغا ھەدىيەلەرنى سۇنۇپ، بالىلىرىڭلارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەي ئىسرائىل خەلقى، شۇنداق ئىكەن، مەن سىلەرگە مەسلىھەت بېرەرمەنمۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىڭلارغا قەتئىي يول قويمايمەن.
ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.