12 ئەگەر بىرسى كېلىنى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىپلاسلىق بولۇپ، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ.
ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئاياللارمۇ ئۆزىنى ھايۋانغا تۇتۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، بۇ ئىپلاسلىقتۇر.
_ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ. _ بوينىڭىزغا ئېسىۋالغان مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى تامار. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولدى.
«قېيىنئانىسى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
شۇڭا يەھۇدا يول قىرىدا ئولتۇرغان ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردى. چۈنكى يەھۇدا ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. يەھۇدا ئۇنىڭغا: _ يۈر، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات؟ _ دېدى. _ مەن سىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتسام، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.
ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن.