Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 روھانىي بۇغداي يارمىسى بىلەن زەيتۇن يېغىدىن ئازراق ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 2:16
12 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،


لېكىن تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن قىلىنغان يېمەكلىككە خېمىرتۇرۇچ ۋە ھەسەل قوشۇپ ماڭا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى مەن خۇدانى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ.


ۋە ئۇنىڭدىن ئازراق ئوشتۇپ ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


بىرەرسى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن ماڭا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى داننى ئوتتا قورۇپ، ئاندىن يارما قىلىپ،


ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ۋە مەستىكى رۇمى قوشسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite