Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 2:11
19 Referans Kwoze  

ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ خاتا تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ.


مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرود خاننىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى.


ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش، شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش.


ھەسەلگە ئېرىشكەندە پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يەپ ياندۇرۇۋەتمە.


ئى ئوغلۇم، ھەسەل ئىستېمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل تېخىمۇ تاتلىقتۇر.


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى.


ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قېلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.


ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite