لاۋىيلار 19:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ماڭا ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن جاكارلىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. Gade chapit la |
ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن.
بۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ خانىسىغا كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرسۇن. روھانىيلار پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى قۇربانلىق قىلسۇن. پادىشاھ ئىشىك تۈۋىدىلا سەجدە قىلسۇن، ئاندىن چىقىپ كەتسۇن. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى كەچ كىرگۈچە تاقالمىسۇن.